«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان ئىنكاسى تۆۋەن»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-12
Share

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 12-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان سىياسىي تراگېدىيەلەر قىسقىچە بايان قىلىنغان ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا يەنە شىنجاڭدا ئىشلەنگەن، ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى، ئەنگلىيەمۇ 1-ئايدا خىتايغا بېسىم قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بۇ رايونغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ ئۆتكەن يىل 12-ئايدا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئەمما خىتاي ‹ھەر قانداق دۆلەت خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك› دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى تۆۋەن بولدى».

ماقالىدە يەنە خەلقئارادىكى داڭلىق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇچۇر توپلاشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكى، ئەنگلىيە BBC تاراتقۇسى لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت