ۋاشىنگتون پوچتىسى: «قايتا تەكرارلانمىسۇن؟ بىراق ئۇ ئاللىقاچان يۈز بېرىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى ئەننى ئەپپلبام 15-فېۋرال كۈنىدىكى يازمىسىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ «قايتا تەكرارلانمىسۇن؟ بىراق ئۇ ئاللىقاچان يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويغان ماقالىسىدە 1932-1933-يىللىرى ئارىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىدە سۈنئىي ھالدا ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق مىليونلىغان ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى «گۇلاگ» ناملىق جازا لاگېرلىرى شۇنداقلا گىتلېر فاشىزمىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ ئەينى يىللاردا نېمە ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئەينى ۋاقىتتا مىليونلاپ كىشىنىڭ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا قىرىلىپ كەتكەنلىكىگە دائىر سوئاللارغا كىشىلەرنىڭ ھازىرمۇ نېمە ئۈچۈن قىزىقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئەينى يىللاردىكى غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر قاتار سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقىرىدىكىدەك پاجىئەلەرگە بىر كۆزىنى قىسقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگىمۇ يەنە ئوخشاشلا سۈكۈت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئاپتور ئەننى ئەپپلبام يازمىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردا بولسا سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، مەجبۇرىي ھالدا ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ زۇلۇملارنىڭ تارىختىكى ۋەقەلەردىن پەرقلىق ھالدا خەلقئارادا بىر قەدەر كەڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۈچۈن ۋاز كېچىلمەس ئىقتىسادىي شېرىك بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەك تونۇش بولماسلىقىغا ئوخشاش سەۋەبلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمى ۋە گىتلېر فاشىزمى سادىر قىلغان، دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن «قايتا تەكرارلانمىسۇن» دېيىلگەن لاگېر تۈزۈمىنىڭ ھازىر خىتاي تەرىپىدىن ئاللىقاچان تىرىلدۈرۈلگەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت