«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ب د ت نى ئۇيغۇر رايونىدا دەلىل توپلاش ھەيئىتى قۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.25

ئامېرىكىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 23‏-فېۋرال كۈنى يەنە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى دەلىل توپلاش ھەيئىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىقلاشقا چاقىرغان.

بۇ، دۇنيادا نوپۇزلۇق بۇ گېزىتنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە 6‏-قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىشىدۇر. مەزكۇر گېزىتنىڭ «خىتاي شىنجاڭنى باستۇرۇش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، كېلەچەككە قورقۇنچلۇق روجەك ئاچتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي يۈز تونۇش، ئىز قوغلاش، ئاۋاز تونۇش، DNA ساندىنى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىپلىمەكتە ئىكەن.

ماقالىدە، يېقىندا شېنجېندىكى بىر شىركەتنىڭ ساندىنى ئاشكارىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 يېرىم مىليون كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى پاش بولغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا ساقچى ۋە ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭ يەنە بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشىدىكى مەقسىتى كومپارتىيەگە كېلىدىغان ھەرقانداق خىرىسنى ئالدىنالا مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. ماقالىدە بۇ خىل تەقىبلەشنىڭ «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر ماقالە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 25‏-فېۋرال جەنۋەدە باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «جورجى ئورۋېل 70 يىل ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ‹1984› ناملىق كىتابىنى نەشر قىلغاندا بۇ، پىكىرنى كونترول قىلىش ۋە ئىستىبداتلىققا قارىتىلغان ۋەھىمىلىك بىر ئاگاھلاندۇرۇشتەك كۆرۈنگەن ئىدى. لېكىن، بۈگۈن بۇ خىل دۇنيا شىنجاڭدا رېئاللىققا ئايلاندى. بىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان يىغىنىدا شىنجاڭدا خەلقئارا دەلىل توپلاش ھەيئىتى تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ بۇ رايوندىكى ئىنسان تەبىئىتىنى كونترول قىلىش تەجرىبىسىنى پاش قىلىش چاقىرىقىغا قوشۇلىمىز».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەقلەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.