ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «خىتاي شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىنى پەردازلىيالمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.25

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» 24‏-مارت تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەرقانچە قىلسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پەردازلىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلىغانلىقىغا قارىتا ئېلان قىلىنغان. شۆھرەت زاكىر ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قايتا تەربىيەلەۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى «پۈتۈنلەي يالغان» دەپ ئىنكار قىلغان.


ئۇ: «ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ بۇ مەركەزلىرىمىز ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تاماق ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئوخشايدۇ» دېگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، لېكىن «يېتەرلىك پاكىتلار، جۈملىدىن بۇ لاگېرلاردىن قېچىپ چىققان كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تۇتقۇننىڭ ھېچقاچان ئەركىن ئەمەسلىكى ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە» دېگەن.

ماقالىدە يەنە، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرېئان زەنسنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى بىر يېرىم مىليون، دەپ تەخمىن قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ «بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئەزاسى لاگېرغا قامالمىغان ھېچقانداق ئۇيغۇر ئائىلىسى قالمىدى» دېگەنلىكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، «ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن خادىملىرى، تۈرمە سىستېمىسى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى خادىملار تەرىپىدىن سىستېمىلىق تەن جازاسى ھەم خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى» تىلغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان قارارىدا «خىتاينىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى» نى مەدھىيەلىگەنلىكى ئەيىبلىنىپ: «خىتاي ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەسىدە شىنجاڭدىكى ئاپەتنى يوشۇرماقتا. لېكىن ھېچقانداق ئاخبارات يىغىنى خەلقنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان جازا لاگېرلىرىنى پەردازلىيالمايدۇ» دېيىلگەن.

بۇ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان 9-قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.