«ۋاشىنگتون پوچتىسى» : «دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى نېمىلەرنى قىلالايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.24

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 23‏-ماي كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىغا ۋە ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەرنىڭ كىملىكىگە قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىدۇر.

«دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى پولشالىق ئەسكەر-جان كارسكىنىڭ 1942‏-يىلى «ۋارشاۋا يەھۇدىيلار رايونىدا» كۆرگەن ئېچىنىشلىق تراگېدىيەسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، «ئەگەر بۈگۈن شۇ تارىختىن بىرەر ساۋاق ئېلىنغان بولسا، بۇ چوقۇم خىتاي كىشىلەرنىڭ كىملىكىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شىنجاڭغا تەتبىقلىنىشى كېرەك» دېگەن.

ماقالىدە يەنە، بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۈركىي خەلق-ئۇيغۇرلارنىڭ سىم توسۇق بىلەن قورشالغان مەركەزلەردە پىكىر ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتلەردە خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇرلار ناتسىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكىدەك ئۆلتۈرۈلمەيۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئەنئەنىلىرى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا يوقىتىلماقتىكەن.

ماقالىدە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى» نىڭ كېڭەش پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەر ئىككى پالاتادا ماقۇللىنىشى ئۈمىد قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن شۇنىڭدەك خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ جازالاش تىزىملىكىنىڭ بېشىغا تىزىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھالبۇكى، خەيكاڭ ۋە باشقا شىركەتلەر شىنجاڭدىكى ئېتنىك تازىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كەلدى، ئۇلار جازالىنىشقا لايىق. شۇنىڭدەك لاگېرلارغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بۇ قانۇن بۈگۈن مەۋجۇت بولغان بىر ۋاسىتە. ئۇنى ئىشلىتىش جان كارسكىنىڭ ساۋاقلىرىنىڭ ئۇنتۇپ قېلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».

بۇ، «گۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئېلان قىلغان 11 ‏-قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.