«ۋاشىنگتون پوچتىسى» خىتاينىڭ دۇبەيدىكى مەخپىي قاماقخاناسىغا قارىتا تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.08.23

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 22-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرغانلىقىغا قارىتا تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇشنى كېڭەيتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى، دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل غەيرى لىبېرال تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرغانلىقىنى بىر خىتاي ئ‍ۆكتىچىسىنىڭ توي قىلىدىغان قىزى ئاشكارلىغان. يىگىتى بىلەن يېقىندا گوللاندىيەگە بېرىپ پاناھلىق تىللىگەن بۇ خىتاي قىزى ئۆزىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر مەخپىي قاماقخانىسىغا سولانغانلىقى، بۇ يەردە ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭمۇ قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە دۇچ كەلگەن تۇتقۇن، قىيىن-قىستاق ۋە جازا لاگېرلىرىدا «قايتا-تەربىيەلىنىش» تەك ۋەھشىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يېتەرلىك دەلىللەر قېچىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغانلارمۇ خىتاينىڭ رەھىمسىز قولىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ماقالىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ئۈچۈن بۇ خىل مەينەت ئ‍ىشلارنى قىلىشى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ 2018-يىلىمۇ ئابدۇجېلىل سوپى ئ‍ىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەنلىكى، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىلىرى ۋە 2018-يىلنىڭ باشلىرى ئاز دىگەندە 5 ئۇيغۇرنى مۇسۇلمانلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتنىشىشى ئەخلاقىي داغ بولۇپ، بۇ قىلمىشلارنى بېيجىڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلىغى ياكى «دوستلۇقى» ھەقلىق كۆرسىتەلمەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.