«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلارنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى زور تەشۋىقات ھەرىكىتىنى بۇزۇپ تاشلاشتا ئوينىغان رولى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 1-دېكابىردىكى سانىدا تەھرىرات سەھىپىسى مۇھەررىرى فرەد ھايېت تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ئاپتور ماقالىسىدە، «ئەگەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ژۇرنالىست ۋە تەھرىرلىرىدىن تەركىب تاپقان 12 نەپەر خادىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈن بەلكىم دۇنيانىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتتىن خەۋەرسىز قېلىشى مۇمكىنلىكىنى» تەكىتلىگەن.

ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، قورقۇتۇش ئارقىلىق ئىشلەتكەن بېسىمىغا بويۇن ئەگمەي، ئۇنىڭ زور كۆلەملىك تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ماقالىدە مۇنۇلار دېيىلگەن:

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈم مۇخبىرلىرى لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان زور ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەرنى ھېسسىياتقا تايىنىپ تۇرۇپ ئەمەس، ئاز دېگەندە ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئىشەنچلىك مەنبەگە تايىنىپ تۇرۇپ خەۋەر قىلدى. ئۇلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋىرى دەسلەپتە 2017-يىلى ئېلان قىلىنغاندا نۇرغۇن كىشىلەر گۇمان بىلەن قارىدى. ئەمما مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىقى گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتقان سۈرەتلەر، چەتئەللىك ئاكادېمىكلار ۋە باشقا ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن ۋە يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئائىت ئاشكارىلانغان بىر ئالاھىدە مۇھىم ھۆججەت ئارقىلىق ئىسپاتلاندى».

ئاپتور فرەد ھايېت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەتىجىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تەھدىت قىلغانلىقى، بۇمۇ ئەسقاتمىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇلار قىلغان تېلېفونلارنى ئۈزۈۋېتىشكە ئوخشاش بىر قاتار تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرلاردىكى زور كۆلەملىك ئۆلۈم ۋەقەلىرى، قېيىن-قىستاق، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىش، جىنسىي خورلاش ۋە ھەربىر ئۆيگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئاتالمىش «خىتاي تۇغقانلار» بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلاش قاتارلىق مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ يەرلىكتىن ۋە لاگېر شاھىدلىرىدىن ئىگىلىگەن بىۋاسىتە ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا دۇنياغا ئاشكارىلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت