«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى: «خىتاي بىلەن ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە يىراقلىشىشنىڭ ۋاقتى كەلدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.20

خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا جۈملىدىن ئامېرىكاغا تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئامېرىكادا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە جىددىي سوئال پەيدا قىلماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى مارك تېيسسېن، 19-مارت ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئالاقىدە يىراقلىشىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكالىقلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقى ۋە خاتالىقى سەۋەبلىك دۇنياغا تارالغان كورونا ۋىرۇسىنى توسۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىنى توختىتىشقا تىرىشماقتىكەن. مارك تېيسسېن ماقالىسىدە، بەلكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاقىدىمۇ يىراقلىشىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مارك تېيسسېن، ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردا خىتايغا تايىنىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم بۇ رېئاللىقنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشى، خىتاي بىلەن بولغان «بىر قىسىم ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بۇ ئىقتىسادى ئالاقە دۆلەت بىخەتەرلىكى، گۈللىنىش ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشى قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە چەكلىنىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنى يوشۇرۇشى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دورىگەرلىك ۋە باشقىلاردا خىتايغا تايىنىشقا خاتىمە بېرىشتىكى ئوبدان پۇرسەت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.