ۋاتىكان سۆھبەتچىلىرى خىتايدىكى كاتولىكلارغا «ساداقەتسىزلىك» قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.02.09

خوڭكوڭنىڭ سابىق كاتولىك كاردىنالى جوسېف زېن ۋاتىكاننى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن تۈزمەكچى بولغان كېلىشىمىنىڭ خىتايدىكى 12 مىليون كاتولىك مۇخلىسىنى كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى قەپەسكە سولاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جوسېف زېن يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ۋاتىكاننى ئېغىر سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلغان ئىككىنچى‏ بىر كاتولىك دىنىي ئەربابى. يېقىندا خوڭكوڭدىكى بىر كاتولىك بىشوپى بۇ كېلىشىمنى تەنقىدلەپ، ۋاتىكاننىڭ خىتايدىكى كاتولىك مۇخلىسلىرىنى «ساتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋاتىكان 86 ياشلىق بۇ بىشوپنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى. خىتاي بىلەن ۋاتىكان يېقىندا خىتايدىكى كاتولىك بىشوپلىرىنى كىمنىڭ تەيىنلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم لايىھەسى ھاسىل قىلغان. خەۋەرلەردە كېلىشىمنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كاردىنال جوسېف زېن جۈمە كۈنى خوڭكوڭدا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، بۇ كېلىشىمدە خىتايدىكى كاتولىك بىشوپلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقىنىڭ پاپاغا بېرىلىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. جوسېف زېن ئاخبارات يىغىنىدا «ئۇلار) خىتاي ھۆكۈمىتى( بىشوپلارنى تەيىنلەشتە ئاخىرقى سۆزنى پاپا قىلىدۇ، دەيدۇ. بۇ سۆز چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن يالغان،» دېگەن. جوسېف زېننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان چېركاۋغا پايدىلىق كىشىنى بىشوپلىققا تاللىمايدىكەن. ئۇ، «شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق، دائىم ھۆكۈمەتكە بوي سۇنىدىغان بىرىنى تاللايدۇ. پاپا بۇنداق كىشىنى قانداق تەستىقلايدۇ،» دېگەن.

خىتاي بىلەن ۋاتىكاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى كوممۇنىستلار 1949‏-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان. شۇنىڭدىن بېرى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلىپ باقمىغان ئىدى. خىتايدىكى كاتولىكلەر 1940‏-يىلدىن كېيىن «ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتى» ۋە «يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋلىرى» دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. «ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك چېركاۋلىرى» نىڭ بىشوپلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىسىمۇ، لېكىن «يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋلىرى» رىم پاپاسىغا بەيئەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. جوسېف زېن ئاخبارات يىغىنىدا پاپانى تەنقىد قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ھۆكۈمەتكە قۇللۇق بىلدۈرگەن بىر چېركاۋنىڭ ھەقىقىي كاتولىك چېركاۋى بولمايدىغانلىقى» تەكىتلەپ، «ۋاتىكان سۆھبەتچىلىرى خىتايدىكى كاتولىك مۇخلىسلىرىغا ساداقەتسىزلىك قىلدى،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.