ۋېنگېرىيە ھۆكۈمىتى بۇداپېشتتا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبىسىنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2021.06.07
ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى بۇداپېشت شەھەر خەلقىنىڭ 5-ئىيۇن پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن بۇداپېشت شەھرىدە خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبىسىنى قۇرۇش پىلانىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقى ۋە بۇ پىلاننى 2023-يىلى بۇداپېشت خەلقىنىڭ ئومۇمىي ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1 مىليارت 800 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان مۈزكۇر شۆبە مەكتىپى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قۇرۇلۇش بۇداپېشت خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
بۇداپېشت شەھىرىنىڭ باشلىقى گېرگىلى كاراسونى ئۆتكەن ھەپتە شۆبە مەكتەپ قورۇسىنىڭ يېنىدىكى بىر كوچىغا «ئۇيغۇر قۇربانلار كوچىسى»، يەنە بىر كوچىغا تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئىسمى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 5-ئىيۇن كۈنى بۇداپېشت شەھرىنىڭ مىڭلىغان ئاھالىسى نامايىش قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشقا قارشى تۇرغان. ۋېنگىرىيەدىكى «ماندىنېر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر كابىنېت مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى 2023-يىلى بۇداپېشت خەلقىنىڭ ئاۋازىغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر باش مىنىستىر ئورباننى خىتايغا ياخشىچاق بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇش ۋېنگىرىيە ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىۋېتىدىغانلىقى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا سالىدىغان مەبلىغى ۋېنگىرىيەنىڭ ئالىي مائارىپغا ئاجراتقان بىر يىللىق خام چوتىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.









