ۋىكى شۈنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-03
Share

ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ۋىكىي شۈ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق، تەتقىقات ۋە كومېدىيە ساھەسىدىكى كۆپ قىرلىق تالانتى بىلەن دۇنيا جامائىتىگە تونۇلغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «كۆزگە قادالغان مىق» قا ئايلىنىپ قېلىشى ئۇنىڭ باش ئاپتورلۇقىدا تاماملانغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار»، «زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» قاتارلىق دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن تېخىمۇ روشەنلەشتى.

«كودا ھېكايىلىرى» 2-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى زىيارەت خاتىرىسىدە ئەنە شۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي نازارەت مېخانىزمى، پۈتكۈل پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت ئۈچۈن «كۆز-قۇلاق» قا ئايلاندۇرۇلۇشى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى تولۇق قوللىنىلغان ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى جانلىق بايان قىلىنىدۇ. ۋىكى شۈنىڭ بايان قىلىشىچە، «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى تۇنجى بولۇپ سىستېمىلىق ھالدا پاش قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىكى شۈنى «مىللىي مۇناپىق»، «پاھىشە»، «زەھەر چەككۈچى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ھاقارەتلىشى ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغان Nike ۋە Apple شىركەتلىرىمۇ شۇ سەۋەبتىن خەلقئارادا تەنقىدلەرگە ئۇچراشقا باشلىغان. گەرچە ئۇ ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ھېلىھەم پات-پاتلا ئۆلۈم تەھدىتلىرى ۋە باشقا تەھدىتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. جۈملىدىن ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ قاملاشمىغان سوئاللارنى سوراپ تۇرىدىكەن.

ۋىكى شۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ دوكلاتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە مىليونلىغان ئادەمنى لاگېرغا قاماش ھەمدە ئۇلارغا قارىتا روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارنى داۋام قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غايەت زور كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىش ھېچقانداق ھۆكۈمەت ھەرقانداق قىلسىمۇ يوشۇرۇپ قالالمايدىغان زور پاجىئە ئىكەن. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت