پرېزىدېنت ترامپ: دەلىللەردىن قارىغاندا كورونا ۋىرۇسى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.01

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ يۇقۇمدا ئوينىغان رولىغا قارىتا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ك ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 30-ئاپرېل ئاقساراينىڭ ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋابەن، «شۇنداق، كۆردۈم» دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن ئۇ فوكۇس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرىنىڭ «نېمىگە ئاساسەن يۇقۇمنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن تارقالغانلىقىغا بۇنچىلىك يۇقىرى ئىشەنچ بىلەن قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا ئۆزىنىڭ دەلىلنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقى، ئۇنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ترامپ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. پرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىنىڭ ئارقىسىدىنلا قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتى باياناتىدا، كورونا ۋىرۇسنىڭ «سۈنئىي پەيدا قىلىنمىغانلىقى»، لېكىن يۇقۇمغا ئائىت ئۇچۇر ۋە ئىستىخباراتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ ھايۋاندىن يۇققان ياكى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىغا قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. پرېزىدېنت ترامپ ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ يۇقۇمدا ئوينىغان رولىغا قارىتا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.