خىتاينىڭ ۋىرۇسنى ئەمەس، ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى نىشان قىلىشى تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.19

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نامى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى.

شۇلارنىڭ بىرى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «مۇئەسسەسە» مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارك سىيېسنىڭ خىتاي ھەققىكى ئوبزورى بولدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 17-مارت سانىغا بېسىلغان بۇ ئوبزوردا ئاپتور نۇقتىلىق قىلىپ خىتايدىكى دىكتاتورىلىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە قانداق شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 2019-يىلى دېكابىر ئېيىدىلا ۋۇخەندىكى دوختۇرلار تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، 2020-يىلى 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكىنى جاكارلىغان. 18-يانۋار كۈنى بولسا ۋۇخەندىكى نەچچە مىڭلىغان كىشى چاغانلىق ھارپىسىدىكى كوللېكتىپ غىزالىنىشتىن كېيىن، مىليونلاپ سىرتقا ماڭغان. بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈن خىتايغا تارقالغان. 23-يانۋاردا بولسا ئۇلار ئۇشتۇمتۇتلا ۋۇخەن شەھىرىنى تولۇق قامال قىلغان.

ئاپتور مۇشۇ جەرياندىكى دوختۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتايدەك ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئاۋۋال ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى يالغان ئېيتىدۇ، ئاندىن باشقىلارغا يالغان ئېيتىدۇ» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ماھىيەتتە ئامېرىكادىكى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغان ۋە بۇنى ئىنكار قىلغان دىكتاتورا ھاكىمىيەتنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاشلا يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ «بىز قانداق قىلىشىمىز لازىم؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ جەھەتتە خىتاينى دېموكراتىيىگە ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى يوشۇرۇش قىلمىشى ۋە باشقا زۇلۇملىرى ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى لازىم ئىكەن. بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنىڭ بالايىئاپەتلىرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئامېرىكاغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى تەپسىلىي ھېسابلاپ، خىتايدىن تۆلەم ئېلىشى لازىم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.