كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تىز سۈرەتتە يامراۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.07.12

كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تىز سۈرەتتە يامراۋاتقانلىقى مەلۇم. «ۋىيون» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاندا پەيشەنبە 1 مىڭ 962 نەپەر، جۈمە كۈنى 1 مىڭ 726 نەپەر يۇقۇمدار بايقىلىپ، بۇ ئىككى كۈن ھازىرغا كەلگۈچە يېڭى يۇقۇمدار لار ئەڭ كۆپ بايقالغان كۈن بولۇپ قالغان. شەنبە كۈنىگىچە بايقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى سانى 55 مىڭ نەپەرگە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 264 ئادەم قازا قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، قازاق پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ شەنبە كۈنى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىغا كورونا يۇقۇم ۋەزىيىتى تىزگىنلەنمەيدىكەن كابىنېتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

جۈمە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قازاقىستان ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندا كورونا يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاقىتلىق دوختۇرخانىلارنى جىددىي كۆپەيتىشكە باشلىغان. 

بۇ خىلدىكى دوختۇرخانىلار تالاس، جالالئاباد، باتكەنت ۋە ئىسسىق كۆل قاتارلىق رايونلاردا بىرلا ۋاقىتتا كۆپەيتىلگەن.

بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئىيۇلغىچە قىرغىزىستاندا دەلىللەنگەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 10 مىڭ 629 غا يەتكەن.

ئۆزبېكىستاندىكى يۇقۇمدار لار سانى 12 مىڭ 855 كە، قازا قىلغانلار سانى 60 قا يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.