خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنسىي خورلاشلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-05
Share

دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا قارشى خەلقئارا تەشكىلاتى بولغان پارلامېنتلارئارا ئىتتىپاقى 4-فېۋرال ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنسىي خورلاشلىرىغا قارىتا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى 30 دىن ئارتۇق ئەزاسى ئىمزا قويغان چاقىرىقىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خورلاشلارغا بەكلا پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقى، «سۆز كەلىمىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە ئاخباراتى ،BBC 2-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە سىستېمىلىق جىنسىي خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. ئۇلار ئوچۇق خەتتە خەلقئارا پارلامېنتلارئارا ئىتتىپاقىنىڭ «شىنجاڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قورقۇنچلۇق قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر بىئارام قىلارلىق خەۋەرلەردە ئۆز ئارا بىرلىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، BBC دا ئېلان قىلىنغان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىر قانچە لاگېردىكى ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرى ئىنسانىي مۇئامىلىلەرنى ئاشكارلاپ بەرگەن. ئۇلار ئوچۇق خەتتە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىپ: «بىز شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۈستىدىن ب د ت باشچىلىقىدا خەلقئارا قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى، شۇنىڭدەك ھەر بىر دۆلەتنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دىكى مەسئۇلىيىتىگە جاۋابكار بولۇشىنى ھەمدە جىددىي ھالدا كوللېكتىپ سىياسىي ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ دەلىللەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى چاقىرىمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت