خاماس 24 سائەت ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.07.27

پەلەستىندىكى خاماس تەشكىلاتى 27 - ئىيۇل، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن يېڭىدىن 24 سائەت ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خاماس باياناتچىسى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى، سائەت 14 تە، يەنى گرېنىۋىچ ۋاقتى 11 دە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خاماس باياناتچىسى 24 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ «روزا ھېيتى تەييارلىقى ۋە ب د ت نىڭ ۋاسىتىچىلىقىغا جاۋابەن» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئىككى تەرەپتىن 12 سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ۋە خاماس تەرەپ قوشۇلغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە تەرەپ خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلغانلىقى، ئىسرائىلىيە تەرەپكە راكېتا ئاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى چۈشەندۇرگەن ئىدى. خاماس ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ۋە ئاھالىلارنىڭ قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى شەرت قىلغان ئىدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ خاماسنىڭ يېڭىدىن 24 سائەت ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى باياناتىغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.