تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن
2015.10.26
«تەڭرىتاغ تورى» ۋە باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 19- ۋە 20-كۈنلىرى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلاردىن باشقا يەنە تۈركىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قاتناشقان.
يىغىندا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، داستانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ھازىرقى ھالىتى، داستانچىلارنىڭ خەلق مەدەنىيىتىنى ساقلاشتىكى رولى قاتارلىق تېمىلار بويىچە ماقالىلەر ئوقۇلغان.
يىغىن جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىپ، ئەل ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى نەق مەيداندا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن ئارىيەلەر ئورۇنلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلق داستانى رەتلىنىپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە يەنە «داستان ئېيتقۇچىلارنىڭ ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى» ئۇيۇشتۇرۇلماقتىكەن.