خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئىز-دېرىكىنى دەرھال ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنى قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا ئۇيغۇر بىز تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن-قىستاققا ئېلىش ياكى مەجبۇرىي ئاساستا داۋالاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە قېيىن-قىستاققا ئېلىنمايدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ داۋالىنىشقا ئېلىنمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئەپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى ئېلىش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان گۇرۇھلارنى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت