خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى جىددىي ئەندىشە قوزغىماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.05

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، غايىب ئۇيغۇر دوختۇرى گۈلشەن ئابباسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، كىشىلەرنى ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاۋ خوڭجۈنگە خەت يېزىشقا چاقىرغان.

چاقىرىقنامىدە تەكىتلىنىشىچە، 2018-يىلى 10-سېنتەبىردىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قان بېسىم، بەل ۋە باش ئاغرىقى قاتارلىق قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك بولغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن. گۈلشەن ئابباس ئۈرۈمچىدىكى نېفىت-خىمىيە دوختۇرخانىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان دوختۇرى بولۇپ، 2018-يىلى 10-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغان.

گۈلشەن ئابباسنىڭ غايىب بولۇشى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي ئۇچۇر بەرمىگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۈلشەن ئابباسنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىدىن گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشنى، ئۇ قويۇپ بېرىلگىچە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىشى، ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشى، ئادۋوكات تۇتۇشى ۋە مۇۋاپىق داۋالاشقا ئېرىشىشىگە يول قويۇشى، ئۇنىڭ تەن جازاسى ۋە ھەر خىل قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.