«ئەل ئەرەبىيە» تېلېۋىزىيەسى ئەرەب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.06

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي بېسىملار يېقىندىن بۇيان چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان باشقۇرۇشىدىكى «ئەل ئەرەبىيە» تېلېۋىزىيەسىمۇ 6-فېۋرال كۈنى مەخسۇس بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەزىم ئىبراھىم ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت رايونىدىكى تەكشۈرۈشىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قاتتىق بولغان تەكشۈرۈش ۋە كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى يولغا قويماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادى ۋە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى «جىنايەتلەشتۈرۈش» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر ياقتىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنى شەرقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن توختاۋسىز كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى زور دەرىجىدە جىمىقتۇرۇۋېتىلگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ دالاي لاماغا ئوخشاش خەلقئاراغا تونۇلغان سىمۋوللۇق ئوبرازدىكى بىر رەھبىرىنىڭ بولماسلىقىمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئاراغا ياخشى تونۇلماسلىقىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ھەرقانداق چەتئەل رەھبىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدەك يۇقىرى ئىجتىمائىي مەرتىۋىگە ئىگە بىر سىمۋوللۇق ئوبرازنىڭ بولۇشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشىنى «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتى ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق نوپۇزى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدى ۋە سوئال-سورىقىدىن مۇستەسنا قېلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلىگەن چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەمدە بۇنىڭغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سولىنىشى ئەڭ كۆپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. يېقىندا «دۇنيانى كۆرۈش ۋە كۆزىتىش» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مۇشۇ خىل مەركەزلەرگە سولانغانلار قاتارىدا خرىستىئان دىنىغا كىرگەن يۈز كىشىنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.