«مۇنبەر» گېزىتى خىتاينى «شىنجاڭدا بومبا ئۈستىدە ئولتۇرماقتا» دەپ تەسۋىرلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.22

ھىندىستاندىكى ئوقۇلۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان «مۇنبەر» گېزىتىدە 22-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان گېنېرال لېيتېنانت بوپىندېر سىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «خىتاي ھازىر شىنجاڭدا بومبا ئۈستىدە ئولتۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان.

ئاپتور ماقالىدە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە كۆرۈلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى ئەسلەپ ئۆتكەن، شۇنداقلا يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا مەزكۇر رايوندا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئاساسلىق مۇسۇلمان خەلقلەر تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ، تۇڭگانلار «ۋەتەنپەرۋەر» بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھالدا داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولغان دىنىي ئېتىقادى ھەرقاچان «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك » بىلەن باغلىنىپ كەمسىتىلىپ كېلىنمەكتە. بۇ ھال تەبىئىي رەۋىشتە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تېررورغا مەجبۇرلىماقتا.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىش ئورنىغا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى كېڭەيتمەكتە. بۇ خىلدىكى تاق يۆنىلىشلىك ھەرىكەت شۈبھىسىزكى، بۇ رايوندىكى قارشىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر رايوننى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن غايەت زور «بومبا»غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.