كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب سىستېمىسىغا ئائىت دوكلاتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.02

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تېلېفون ئەپلىرى، يەنى «تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل سىستېما نىشانغا ئېلىنغان بىر كىشىگە ئائىت ئاز دېگەندە 36 خىل تۈردىكى ئۇچۇرنى ساقلايدىكەن. ئۇلار مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئېگىزلىكى، چېچىنىڭ رەڭگى قاتارلىق فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن تارتىپ، ئۇ كىشىنىڭ ئادەتتە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىدىغان ياكى ئارىلاشمايدىغانلىقى، ھەپتىدە قانچە قېتىم تالاغا چىققان ياكى چىقمىغانلىقىدەك ھەرىكەتلىرىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن ۋە ئانالىز يۈرگۈزىدىكەن. 

مەزكۇر ئەپ ھەتتا بىر كىشى ئەگەر ئۆيىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن چىقماي، ئارقا ئىشىكىدىن چىقسىمۇ بۇنى بىر «بېشارەت» سۈپىتىدە ساقچى ئورگانلىرىغا سىگنال بېرىدىكەن. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىكى بۇ پاكىتلار كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. 

خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ب ب س، «ئەل-جەزىرە»، «بلۇمبېرگ»، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق نۇرغۇن ئاخباراتلار بۇ دوكلاتنى خەۋەر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا سېلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق تەقىب تورىنى تالاش-تالاش قىلدى. 

بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسى ئەتە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن، كېلەچەكتە بولسا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر زور خەۋپ، دەپ كۆرسىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.