س ن ن مۇخبىرى مەت رىۋېرس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى «يەرشارىدىكى ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىرى» دەپ تەسۋىرلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان س ن ن نىڭ مۇخبىرلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان ئىدى. ئۇلار 7-ماي كۈنى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە 2017-يىلى قازاقىستاندىن ئىلى ئوبلاستىنىڭ تولى ناھىيىسىگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەتكەن پېتى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئەدىبە ئىسىملىك ئايالنىڭ لاگېرغا قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە لاگېرلارنىڭ يىراقتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

س ن ن تېلىۋىزىيەسىنىڭ 8-ماي بۇ ھەقتە تارقاتقان يەنە بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىنىڭ خىتايدىكى تېلېۋىزورلاردا كۆرۈنۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. يەنى، س ن ن نىڭ خەۋەر پروگراممىسى دەل مۇشۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار قىسمىغا كەلگەندە ئېكران تۇيۇقسىزلا قاپ-قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەن. خەۋەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئېكران ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 

مەزكۇر خەۋەردە س ن ن مۇخبىرى مەت رىۋېرس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى داۋامىدا بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان. رىۋېرسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ 6 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا ئاز دېگەندە 50 قېتىم پاسپورت ۋە ۋىزا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. نەگىلا بارسا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كەينىگە كىرىۋالغان، ھەرقانداق يەرگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنى كۆرگەن. ئۇلار ھەتتا يېرىم كېچىدە ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىغا كېلىپ ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرگەن. 

يۇقىرىقى س ن ن مۇخبىرى سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئۆزلىرى يوشۇرۇۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق شىنجاڭ دېگەن ھەممىگە ئوچۇق جاي، زىيارەت قىلساڭلا بولىدۇ، دەيدۇ. بىراق ئەمەلىيەت بۇنىڭ دەل ئەكسى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن دۇنيانىڭ ئەمەلىيەتتىن خەۋەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە «بىز بىۋاسىتە شاھىت بولغاندەك، خىتاي بۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت