چەتئەل ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تونۇشى ئارتماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادادىكى «Simon Fraser University» نىڭ ھەپتىلىك ئوقۇغۇچىلار ژورنىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ئۆچۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مىللىي تازىلاش ھەرىكەتلىرى ئۆتمۈشتە قالمىدى. جۈملىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىمۇ ھەم شۇنداق. خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا دائىرىلەر 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا» دەپ يېزىلغان. 

ماقالىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى ئۆز پۇقرالىرى ئارىسىدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ھەتتا كانادادىكى بەزى ئۇنۋېرسىتىتلاردا خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ بۇ لاگېرلارنى ‹كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش› مەركىزى دەپ تەشۋىق قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقى «تەنقىد قىلىنغان: ئۇنىڭدا يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشىنى نورماللاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى تونۇشى خېلى ئۆسكەن. 

28-ئۆكتەبىر كۈنى، ئەنگلىيەدىكى ئۇنۋېرسىتىتلاردا ئوقۇيدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار لوندوندىكى باش مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت تارتقان. مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىۋىتتىر، فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ۋىدىيولىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇۋېتىشكە ۋە يالغانچىلىق قىلىپ دۇنيانى ئالداشنى توختۇتۇشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت