يۈزلىگەن ئالىملار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى سەۋەبلىك ئالىملارمۇ خىتاينى ئەيىبلەشكە باشلىدى. نۆۋەتتە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلاردىن باشقا ئىلمىي تەتقىقات ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى زور بىر تۈركۈم ئالىملارمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ خىل قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۈچ يۈز نەچچە ئالىمنىڭ باشلامچىلىقىدا 26-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان كوللېكتىپ باياناتنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياناتقا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق نەچچە ئونلىغان دۆلەتتىكى ئالىملار، ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىمزا قويغان.

مەزكۇر باياناتتا ئالدى بىلەن لاگېرلاردا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغانلىقى، كېيىنچە كۆپلىگەن پاكىتلار ئالدىدا لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ پەردازلاشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە بۇ «مەكتەپ» لەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن توۋا قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى سۆيۈشكە «بەل باغلىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن. ئەمما ئالاقىدار رەسىم ۋە سىن ماتېرىياللىرى، شۇنىڭدەك گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بۇ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ ئاچلىق ۋە ئىنسان چىدىغۇسىز پسىخىك بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، بەزىلەرگە مەجبۇرىي يوسۇندا روھىي كېسەللەر ئۈچۈن تەييارلانغان دورىلارنىڭ ئىچكۈزىلىۋاتقانلىقى، جىسمانىي جازا ۋە روھىي بېسىمدىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇشۇ لاگېرلاردا ئۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

باياناتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ لاگېرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىدىكى توسالغۇ، دەپ قاراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى كېڭەيتىشى يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىجتىمائىي كونتروللۇق» مېخانىزمى بىلەنمۇ ماس قەدەمدە داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ مېخانىزمدا خىتاي كومپارتىيىسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئاھالىنى كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە بويىچە پىكىر قىلىدىغان ئىنسانلاردىن قىلىپ چىقىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. بۇ تەدبىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىچە شەكىل ئېلىپ، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىش بۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن بولۇپ قوشۇلغان. 

باياناتتا نۇقتىلىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە دۆلەت زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىشتەك تىنچلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىغا دۇنيا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا بۇ ھالنىڭ باشقا جايلاردىمۇ تەقلىد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى لاگېرلارنى تېزدىن تاقاش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش، بۇ خىل زۇلۇمغا شېرىك بولغۇچى خىتاي دائىرىلىرىگە ۋە شىركەتلىرىگە جازا قوللىنىش، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن ئۈلگە ئېلىپ ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ قاراپ چىقىش قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە دەۋەت قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 26-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيانىڭ زور دىققىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىنكاسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت