دۇنياۋى قۇياش ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن «مىق» قا ئۈسمەكتە
2020.12.23
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يېڭى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ گۈل تاجى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى بارغانسېرى دۇنيا مىقياسىدا كۆپلەپ ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇ يېڭى يۈزلىنىش ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن تالاش-تارتىشقا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
23-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «S&P دۇنياسى» شىركىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا مقياسىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ياساشقا ئىشلىتىلىۋاتقان پولىسلىكون (كۆكتاش) تاشلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىكەن. مەزكۇر ساھەنىڭ دۇنياۋى مۇتەخەسسىسلىرىدىن بولغان پروفېسسور رىچارد ۋىنىگارد «شىنجاڭدىكى پولىسىلىكون تاشلىرىنىڭ مۇھىملىقى يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور دەرىجىدە بىلىنىدۇ» دېگەن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە تاشقى دۇنيا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان بۇ تاشلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى زور چەكلىمىگە ئۇچراتماقتىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تاش قۇرۇلۇشىدا ۋە ئۇنىڭ باشقا ھالقىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادىن ئۆتكۈزمەسلىك چۇقانلىرى نۆۋەتتە بۇ ساھەنىڭ ئېكىسپورتىغا ئېغىر زەربە بولغان. بولۇپمۇ دۇنيا پولىسىلىكون بازىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بۇ تۈپەيلىدىن كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن. شۇ قاتاردا 2011-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىش باشلىغان ھەمدە ئەڭ چوڭ پولىسىلىكون تاش مەھسۇلاتى چىقارغۇچى بولغان داچاۋ ئېنېرگىيە شىركىتى بىڭتۇەن قارمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «قارا تىزىملىك» تىن ئورۇن ئالغان.