ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتايلار خەلقئارانى خىتاينىڭ ئېتنىك كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرى 10-دېكابىر كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئېتنىك ۋە دىنىي دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئېتنىك كەمسىتىش ئېلىپ بارغانلىقى، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقى، موڭغۇللارغا قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا كىرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر بايانات ب د ت «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. باياناتتا چېن چۈەنگونىڭ 2011‏-يىلى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ، مەزكۇر رايوندا نازارەت ۋە تەقىبلەش سىستېمىسىنى سىناق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ 2016‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، تىبەتتە ئېرىشكەن تەجرىبىسىنى «شەرقىي تۈركىستان» دا ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى، بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى نۆۋەتتىكى ھالقىلىق خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خىتاينىڭ قىلمىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يۇقىرىقى باياناتقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي پۇقرالار كۈچى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، ئەنگلىيە تىبەت جەمئىيىتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى قاتارلىق 21 تەشكىلات ئىمزا قويغان. باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياخشى ئۆرنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش ۋاقتى كەلدى. ئوخشاش پىكىردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سەمىمىي بىر شەكىلدە بىرلىشىپ، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خىتاي، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوغداشقا ھەرىكەت قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، سۆز ئەركىنلىكىنى تەڭ قوغداپ، بېيجىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت