11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكانىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كاتتا داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنغان. ھۆكۈمەتكە مايىل «تاڭجياڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» دېگەندەك خىتاي تەشكىلاتلىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، نامايىشچىلارغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
بۇ كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن نامايىشچىلىرى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلار شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقىرىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دەپ شوئار توۋلىغان. شى جىنپىڭنى قوللايدىغان ۋە ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان خىتايلارمۇ قىزىل بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ شۇ يەرگە كېلىپ، نامايىشچىلارغا ھەيۋە كۆرسەتكەن.
نامايىشچىلارنى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بۇ ئاتالمىش «شى جىنپىڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى» ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە مايىل خىتاي تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قېتىلغانلار ئىكەن.
14-نويابىر كۈنى، «تىبەتكە ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ X دە چىقارغان ۋىدىيوسىدا، بىر تىبەت ئوقۇغۇچى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تەرەپنىڭ ئازراقتىن پۇل ۋە چۈشلۈك تاماق بېرىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا ئۇلارغا قارىتىپ تۇرۇپ «ماۋۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ھاكىمىيەتنى قوللاپ، بۇ يەردە نومۇس قىلماي قاراپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ۋىجدانى يوقمۇ؟»» دەپ سوئال قويغان.
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 14-نويابىر كۈنى، شى جىنپىڭ چۈشىدىغان ئايرودرومنىڭ سىرتىدا شى جىنپىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ساقچىلار ئۇلارغا مۇداخىلە قىلغان. «شى جىنپىڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى» ئاپتوبۇستا توشۇپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار «قىزىل بايراق لەپىلدەيدۇ» دېگەندەك مۇزىكىلارنى قويغان، نامايىشچىلار ئۇلارغا قارشى ھالدا ماتەم مۇزىكىسىنى قويغان. نامايىشتىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، يەنە ئاپتوبۇس بىلەن ئۇ يەردىن ئايرىلغان.