شى جىنپىڭ شۈ سەيخونىڭ ئارمىيە ئىچىدىكى تەسىرنى تازىلاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.11.02


خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، ئارمىيە بويىچە «تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، چوڭقۇر ئويلىنىش»نى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلغان مەزكۇر ھەربىي سىياسىي خىزمەت يىغىنى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخونىڭ چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىشىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېچىلغان.

شى جىنپىڭ 1929 - يىلى، خىتاي قىزىل ئارمىيەسى گۇتيەن يىغىنى ئاچقانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىشىچە، 31 - ئۆكتەبىر كۈنى شى جىنپىڭ گۇتيەندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن جەريانىدا كۆپچىلىك بىلەن ئاددىي «قىزىل ئارمىيە» تامىقى يېگەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاددىي - ساددا تۇرمۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

شى جىنپىڭ يىغىندا شۇ سەيخو مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن «تەجرىبە ساۋاقلارنى چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭ تەسىرنى تولۇق تازىلاش»نى تەلەپ قىلغان.

ئۇ قىسىملاردىكى، بولۇپمۇ ھەربىي رەھبىرىي كادىرلار ئىچىدىكى 10 تۈرلۈك مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇ سىياسىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئانالىزچىلار شى جىنپىڭنىڭ ئىلگىرى بو شىلەي، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىق سىياسىي، مەمۇرىي ساھەلەردىكى چىرىك ئەمەلدارلارنى تازىلاشنى كۈچەيتكەن بولسا، ئەمدى شۇ سەيخودىن باشلاپ، ھەربىيلەر ئىچىدىكى چىرىكلىكنى جازالاپ، ھەربىي ھوقۇقنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەنلىكىنى تەھلىل قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.