خىتاي ساقچىلىرى شىئەن ۋوگزالىدا بىر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ساقچىلىرى 17 - ئىيۇن شىئەن ۋوگزالىدا بىر ئۇيغۇر ئەرنى ئېتىۋەتكەن. ساقچى دائىرىلىرى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان قىسقا ئۇچۇرغا قارىغاندا، ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى ئەتىگە سائەت 6 دە يۈز بەرگەن.

خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدىكى رولىنى ئاقلاپ، ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئەرنىڭ «قولىغا خىش ئېلىپ، بىلەت ئېلىش ئۈچۈن قاتاردا تۇرغان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ساقچىلار تەكرار - تەكرار ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قۇلاق سالمىغان» لىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان ئۇيغۇر كىشى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

خىتاي ساقچىلىرى ۋەقە ھەققىدە ئىنتايىن چەكلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولغاچقا ۋەقەنىڭ سەۋەبى، جەريانى، ئۆلگۈچىنىڭ قانداق يارىلانغانلىقى قاتارلىقلار ھازىرچە دەلىللەنمىدى.

ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر قولىغا خىش ئېلىپ، بىلەت ئېلىۋاتقانلار توپىغا قاراپ ماڭغاندا بىر پاي ئوق بىلەنلا ئېتىۋېتىلگەن.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، نەق مەيدانغا شىئەندىكى تېررورلۇققا قارشى ئەترەتلىرىمۇ كېلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ھالبۇكى، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىئەن ۋوگزالىغا يېقىن جايدىكى بىر مېھمانخانا خادىمى ۋەقەنىڭ ئەسلى بىر ئىجتىمائىي جېدەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن بەزى ئۇيغۇرلار، ۋەقەدە ساقچىلارنىڭ زىيادە كۈچ قوللانغانلىقى، خىش بىلەن قوراللانغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپمۇ كونترول قىلغىنى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

بۇ خىتاي شەھەرلىرىدىكى ۋوگزاللاردا بىر يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ۋەقە.

ئۆتكەن يىلى مارتتا كۈنمىڭ ۋوگزالىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 143 ئادەم يارىلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت