شى جىنپىڭ، كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبىتىنى دونالد ترامپقا دوكلات قىلغان
2018.03.29
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۈگۈن، يەنى چارشەنبە كۈنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچتە دونالد ترامپقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. شى جىنپىڭ دونالد ترامپقا بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبىتىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكى ۋە كىم جوڭئۇننىڭ دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ، كىم جوڭئۇننىڭ 2011 -يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى، شۇنداقلا جەنۇبى كورېيە ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىگە قارىتا بىر تەييارلىنىشتۇر.
ئاقساراي بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن بېسىمنىڭ شىمالىي كورېيەنى دىئالوگ يولىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دونالد ترامپ بۈگۈنكى بۇ ھەقتە يوللىغان تۋىتتېردىكى ئۇچۇردىمۇ يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئىزچىل ۋە قەتئىي تۈردە داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.