خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمران بولۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تەرەددۇت قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-04
Share

خىتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى 3-مارت كۈنى باشلانغان بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى 5-مارت كۈنى باشلىنىدىكەن. نۆۋەتتە 13-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، يەنى دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش لايىھىسىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپلىرى ھەققىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن باياناتچى بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى قاراپ چىقىپ، 11-مارت كۈنى قاراردىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ پەقەت ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش ھوقۇقى بارلىقىغا ئائىت بەلگىلىمە چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقى مەسىلىسى خەلقئارادا زور غۇلغۇلىلارنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىك يولىغا، يەنى مەڭگۈلۈك رەئىس بولۇش يولىغا قەدەم تاشلىغانلىقى دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى. 

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈلۈك دۆلەت رەئىسى بولۇشىنىڭ تەييارلىقىمۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئاساسىي قانۇننىڭ «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتنىڭ ئابرۇيى ۋە بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق» دېگەن. 

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى مەزكۇر باياناتچىنىڭ سۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك دۆلەت رەئىسلىك تۈزۈمىنىڭ ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولۇنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېگەن. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئوخشاشلا شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىش بويىچە ئۆمۈرلۈك رەئىس بولۇشى ۋە مۇستەبىت تۈزۈمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئۇيغۇرلار دىيارىغا قارىتىلغان تەقىبلەش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت