بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.24

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلارنىڭ بارغانسېرى كېڭەيتىلىشى، بۇ جەرياندا ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا قاراپ چىقىش، شۇنىڭدەك دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەر بويىچە خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» نى ئەيىبلەشنى مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى 24-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نيو-يوركتىكى باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىدارىسى» نىڭ ساھىبخانلىقىدىكى بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا دۇنيانىڭ رەھبەرلىرى بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، كىلىمات مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېچىلدى. يىغىنغا ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. 

يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جون سوللىۋېن ئالاھىدە نۇتۇق سۆزلەپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھازىر تولىمۇ نازۇك بىر تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كارېن سىمىس خانىم، ئۇيغۇر تېببىي پەنلەر دوكتورى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەر ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە ئەمەلىي ۋە مېغىزلىق مەلۇماتلار بەردى.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئۆزى لاگېردا باشتىن كەچۈرگەن قەبىھلىكلەر ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بۆھراننىڭ قانچىلىك تەخىرسىز ۋە جىددىي ئىكەنلىكىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا ئائىت سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.