ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىقى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى «چەتئەل ئاگېنتلىرى» سۈپىتىدە تىزىملاشنى بۇيرۇدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.19

بۈگۈنكى خەلقئارا ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن يەرشارى تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىلىرىنى «چەتئەل ئاگېنتلىرى» قاتارىدا تىزىملاشقا بۇيرۇق چىقارغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن مەزكۇر ئىككى شۆبە ئۆزلىرىنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بۇيرۇق ئامېرىكىدا 1938‏-يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قىسقارتىلىپ FARA دەپ ئاتىلىدىغان چەتئەل خادىملىرىنى تىزىملاش قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا جامائەت پىكىرىگە ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، يەنى مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولمىغان، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانىتى بولغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق رولىنى ئويناپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى «خىتاي كۈندىلىكى»، «شىنمىڭ كەچلىكى» قاتارلىق خىتاي گېزىتلىرىمۇ مەزكۇر قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيەنىڭ 2016‏-يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىللەردە رۇسىيەنىڭ «بۈگۈنكى رۇسىيە» ۋە «سۈنئىي ھەمراھ رادىئوسى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.