خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.04.21

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتى بىنورمال كۆپەيگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىنورمال ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبىدىن خەۋەردار بولغاچقا ئۇنىڭغا قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتمىگەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ بىنورمال ھاۋا ھەرىكىتىگە مۇداپىئە مانېۋىرى ياكى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدىكى ئەندىشە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە يادرو ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ بىنورمال ھاۋا ھەرىكىتىنى ئاشكارىلاشتىن سەل بۇرۇن، پرېزىدېنت ترامپ «بەزى بىنورمال ھەرىكەتلەر» نىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، بۇ سۆزىنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بۇ سۆزنى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە ئىشلىتىۋاتقان بېسىمى ھەققىدە توختالغاندا قىلغان.

پرېزىدېنت ترامپ، «مۇشۇ 2-3 سائەت ئىچىدە ناھايىتى بىنورمال ھەرىكەتلەر بولدى. (خىتاي( رەئىسىنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار» دېگەن. بىراق خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بۇ ھەرىكىتىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ ئىقتىسادىي «جان تومۇرى» بولۇپ، پرېزىدېنت ترامپ خىتايغا شىمالىي كورېيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدە يېپىق ۋە ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇ جۈمە كۈنى تۋىتتېردا سۆز قالدۇرۇپ، ئەگەر خىتاي «شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىمەن، دېسە، ئۇلار ھەل قىلالايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت ترامپ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فلورىدا شتاتىدا كۆرۈشكەندە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.