خىتايدىكى 12 نەپەر ئادوۋكات خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىگە قويۇلغان «ساياھەت چەكلىمىسى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-11-12
Share

خىتايدىكى 12 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىگە قويۇلغان «چەتئەلگە چىقىش چەكلىمىسى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ 12 نەپەر ئادوۋكات خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «چەتئەلگە چىقسا دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان كەلتۈرىدۇ» دېگەن گۇمان بىلەن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ چەتئەللەرگە چىقىشى ئىزچىل توسالغۇغا ئۇچراپ كەلگەن ئىكەن.

ئادۋوكاتلار پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋخوڭغا قارىتىپ يازغان ئوچۇق خېتىدە، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتتىكى قانۇنغا ئاساسەن خىزمەت قىلىۋاتقان قانۇنلۇق ئادۋوكاتلار ئىكەنلىكىنى، دەۋاگەرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى خىتايدا بېكىتىلگەن قانۇنلارغا ئاساسەن قوغدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چېن جيەنگاڭ، خۇاڭ سىمىي قاتارلىق بۇ ئادۋوكاتلار خېتىدە يەنە، ئەڭ ئاساسىي پۇقرالىق ھوقۇقىغا قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىك ئاياغلىشىپ، ساياھەت چەكلىمىسى بىكار قىلىنمىغۇچە ئەرز قىلىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت