نوپۇزلۇق ئادۋوكات خىتاينى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.09.09

ئۇ، خېتىدە ئۆزىنىڭ مەزكۇر خېتى ئۈچۈن يەنە قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، ئۇنىڭسىزمۇ ھەممەيلەننىڭ قاماققا ئېلىنمىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قۇيۇپ بېرىشكە چاقىردى.

شيې يەنيى ئىسىملىك بۇ ئادۋوكات يېقىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي سىياسىي بيۇروسىغا يوللانغان ئوچۇق خېتىدە دېموكراتىك كەلگۈسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىردىن بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رادىئويىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شيې خېتىدە مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ياكى ئۆز سەپداشلىرى بولمىسۇن، ھەممەيلەننىڭ دۆلىتىگە يامانلىق تىلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە: «بىز دىكتاتورلىقتىن مەدەنىيەتكە قاراپ سىلجىشىنى خالايمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە خېتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلارغا قارشى بىر سۇيىقەست پىلانلىغانلىقىنى يازغان ھەمدە ئادۋوكاتلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ خېتىدە زور مىقداردا پۇلنىڭ خىتايدىن سىرتقا ئېقىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەركىزىي پارتكومنىڭ 200 دىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ چەتئەل پاسپورتى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مۇستەبىت زەردار ۋە سەرخىللەر قورقماقتا ھەمدە ئۇلار چېرىكلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى ئۇزۇندىن بۇيان قاتتىق تەقىب قىلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇلار خىتاي خەلقىنىڭ ھەقىقەتنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.»

2015-يىلىدىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. ئەينى چاغدا 200 دىن ئارتۇق ئادۋوكات تۇتۇلۇپ، 20 نەچچىسى جازاغا تارتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شيې يەنيىمۇ شۇ يىلى ئىيۇلدا تۇتۇلغان ۋە 2016-يىلى يانۋاردا كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئۇ، خېتىدە ئۆزىنىڭ مەزكۇر خېتى ئۈچۈن يەنە قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، ئۇنىڭسىزمۇ ھەممەيلەننىڭ قاماققا ئېلىنمىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.