خىتاي ئافغان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنى ياراشتۇرۇشقا ۋاسىتىچىلىك قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-11-15
Share

خىتاي ئافغان تالىبانلىرى بىلەن كابۇل ھۆكۈمىتىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تىنچلىق سۆھبەت لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر تەرەپلەر قوبۇل قىلسا خىتاي سۆھبەتكە ۋاسىتىچىلىك قىلىدۇ. ئانالىزچىلار بۇنى خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تېخىمۇ چوڭراق رول ئويناپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقنىڭ ئىشارىتى، دەپ قارىغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ لايىھىسىدە كابۇل ھۆكۈمىتى، تالىبان، پاكىستان ۋەكىللىرىنى خىتايغا چاقىرىپ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق خىتاينىڭ پىلانى ھازىرغا قەدەر رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان. چۈنكى، ئافغانىستان پرېزىدېنتى غېنى پاكىستان ۋە تالىبانلارنىڭ سۆھبەتكە مايىل ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تىنچلىق پىلانى غەلىبە قىلىشقا ھېچقانداق كاپالەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاينىڭ ئافغانىستاندا ئاكتىپ رول ئويناشقا مايىل ئىكەنلىكى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت