خىتاي ئافغانىستانغا خەۋپسىزلىك جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-11-04
Share


3 - نويابىر خىتاي بىلەن ئافغانىستان بىر قاتار كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلغان ۋە مەزكۇر دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۇەنچاۋ ئافغانىستانغا خەۋپسىزلىك جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى لى خىتاي - ئافغانىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كەلگەن.

ئافغانىستاندىن چىقىدىغان «پاجۋوك» ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، لى يۇەنچاۋنى كۈتۈۋېلىش ۋە كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىملىرىغا قاتناشقان ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەپ غېنى: «بۇنىڭدىكى بىرىنچى كېلىشىم خەلقىمىزنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ھەققىدە بولدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك كېلىشىمى بويىچە خىتاي ئافغانىستاندا ياسىلىدىغان ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا 79 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىكەن.

رېيتېرستا ئافغانىستان تېلۋىزىيەسىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى لى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئۆز - ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەشرەپ غېنى 2014 - يىلى ئافغانىستانغا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى خىتايغا قاراتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت