ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينى رۇسىيە ھەققىدىكى يالغانلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) 4-ئىيۇل كۈنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسېتىتىدە چاقىرىلغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىندا «خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھەققىدىكى يالغان ئۇچۇرلىرىنى تېزدىن يىغىشتۇرىۋېلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 4-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىىچە، نىكولاس بۇرنس شۇ كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان خەلقئارالىق يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. مۇخبىرلار «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى چۆرىدىگەن كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا خىتاي نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ «خىتاي تېزدىن رۇسىيە ھەققىدىكى يالغان-ياۋداق ئۇچۇرلىرىنى يىغىشتۇرىۋېلىشى، شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ تاجاۋۇزىغا ھەمدەم بولماسلىقى كېرەك،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي تەۋەسىدىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئامېرىكا دىپلوماتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ھەققىدە بىۋاستە ھالدا ئاشۇنداق قاتتىق سۆز قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە باش ئەلچى نىكولاس بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قارىتا ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىىتىگىمۇ قارىتىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مەن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان ‹NATO ئۇنداق تاجاۋۇز قىلدىيەي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنادا بىئولوگىيەلىك قورال تەجرىبىخانىسى قۇردىيەي› دېگەندەك يالغانلىرىنى تېزدىن يىغىشتۇرۋالسىكەن، دەيمەن» دېگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇنىڭغا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يالغانچىلىقتا ئەيىبلىگەن. رۇسىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ئاندرېي دېنىسوۋ (Andrey Denisov) مۇ جاۋ لىجيەنگە ئاۋاز قوشۇپ سۆز قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.