ئامېرىكا فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى: «خىتاي ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرى ئۈچۈن چوڭ تەھدىتكە ئايلاندى»
2020.02.06
ئامېرىكا فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى، يەنى FBI 6-فېۋرال ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ دىرېكتورى كرىستوفىر رەينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي «بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئوغرىلاپ كەلمەكتە ئىكەن.» كرسىتوفېر رەي بۇ سۆزلەرنى فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى «ئىستېراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى جون بروۋېننىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇلار ئۆتكەن يىلى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دېلولاردا 24 كىشىنى قولغا ئالغان. جون بروۋېن 2020-يىلى كىرگەندىن بۇيان 19 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا: «ھېچقانداق دۆلەت بىزگە كومۇنىست خىتايدەك چوڭ تەھدىت ئەمەس» دېگەن. ئامېرىكا فېدىرال تەپتىش خادىملىرى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بوستون شەھرىدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش ياكى تېخنىكا ئوغرىلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىر دېلونى پاش قىلىپ، 3 كىشىنى قولغا ئالغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى خىتاي، بىرى ئامېرىكالىق بولۇپ، ئامېرىكالىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىئوخىمىيە فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى چارلېس لېيبېر ئىدى.
ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، چارلېس لېىبېر خىتاينىڭ «مىڭ تالانت پروگراممىسى» غا قاتناشقان شۇنداقلا خىتاينىڭ ۋۇخەن تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنى يوشۇرۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىغا يالغان سۆزلىگەن.
6-فېۋرالدىكى ئاخبارات يىغىنىدا كرىستوفىر رەي خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلىم-پەندىكى كەڭچىلىكىنى سۈيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنىڭ تېخنىكاسىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋاكالەتچىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆزىنىڭ ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكاسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇشىغا ئالاقىدار 1000 دەك دېلو ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىللىاممۇ بار بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ «1-نومۇرلۇق گېئو-سىياسى رەقىبى» گە ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ 5G تېخنىكىسىدا ئامېرىكاغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.