خىتاي ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ تەدبىرلىرى» گە قارشى 4 نەپەر ئامېرىكا سىياسىيونى ۋە ئەمەلدارىنىڭ خىتايغق كىرىشىنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.07.13

خىتاي ھۆكۈمىتى 13-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىگە ئالاقىدار «جازالاش تەدبىرلىرى» گە قارشى ئۆچ ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ 3 نەپەر سىياسىيونى ۋە بىر نەپەر ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، تېد كرۇز، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە باش ئەلچىسى سام بروۋېنبېك قاتارلىق تۆتەيلەننىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن.

بۇ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشى، ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشىنى قاتتىق تەنقىدلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن كرىستىفېر سىمىت «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللۇنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىاسى خۇا چۈنيىڭ 13-ئىيۇل ئېمبارگو قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشچىھە، «شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق،» ئىكەن.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ «ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا قاراپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئىنكاسلاردا بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ قارارى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىدا بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكادا مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى ۋە ئامېرىكانىڭ خەلقئارا پۇل-مۇامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.