خىتاي ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا قارشى ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.06

خىتاينىڭ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا قارىشى يېڭى ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويغانلىقى مەلۇم. س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ۋە مۇخبىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاشنى قېيىنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋىزا ۋە مۇخبىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاش ئىلتىماسى سۇنغان مۇخبىرلارنىڭ بەزىلىرىگە يېڭى گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا «ئىلتىماسىڭىز كۆرۈۋاتىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىر پارچە ھۆججەت تاپشۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھۆججەتنى پاسپورتى بىلەن ئېلىپ يۈرۈش جېكىلەنگەن. بەزىلىرىنىڭ بىر يىللىق ۋىزا مۆھلىتى 1 ئايغا تۆۋەنلىتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى يەنە بۇ ۋاقىتلىق ۋىزا ۋە ۋاقىتلىق مۇخبىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامەلەرنىڭ ھەر زامان بىكار قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا س ن ن تېلېۋىزىيىسىدە ئىشلەيدىغان ئامېرىكا پۇقراسى داۋىد كۇلبەر ئىسىملىك بىر مۇخبىرمۇ بار ئىكەن. بۇ نۆۋەت نىشان قىلىنغان مۇخبىرلار ئارىسىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ ۋە «ۋال سترېت ژۇرنىلى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان چەتئەل پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي دائىرىلىرى يەنە «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» ۋە «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» قاتار ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 9 نەپەر مۇنبىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى دۆلىتى ۋە تەقىب سىستىمېسى ھەققىدە پروگرامما ئىشلىگەن جوش چىن قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ۋىزا چەكلىمىسى توغرىسىدا توختالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى داۋىد ستىلۋەلل، ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى بارلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردە 150 دىن ئارتۇق خىتاي دىپلوماتى بار. خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىكىگە ئىشلەيدىغان ئاخبارات خادىملىرى ئامېرىكىدا ھېچ قانداق چەكلىمىسىز ھالدا مەشغۇلات قىلماقتا. ھازىر خىتاي پەقەت بىر نەچچىلا ئامېرىكا مۇخبىرلىرى قالدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.