دۇنيا كۆپ ساندىكى كىشىلەر خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكىنى ياخشى كۆرىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكىدىكى پېۋ خەلقئارا ئستاتىستىكا تەتقىقات ئورگىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ھەققىدىكى بىر ستاتىستىكىنى ئېلان قىلدى. چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ستاتىستىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا مىقياسى بويىچە باھالاشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ قۇدرىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىغا ۋە ھەتتا بىر كۈنى ئۇنىڭ ئامېرىكىدىنمۇ ئىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئەمما قىزىقارلىقى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ كىشىلەر يەنىلا خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن.

ستاتىستىكىلار نەتىجىسىدە، دۇنيادىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنىڭ خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكىنى ئۆزىگە دوست دەپ قارايدىغانلىقى، خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكىنى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆپرەك ئويلايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەمما ھەر ئىككىلا دۆلەتنى خەلقئارا مەسىلىلەردە بىر تەرەپلىمە دەپ قارىغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس. خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىنى تەھدىت دەپ قارىغۇچىلار ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ئاۋسترالىيە ۋە فىلىپپىندا ئەڭ جىق بولغان.

ستاتىستىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنىڭ ياخشى بولۇپ باھالىنىشىغا ئەڭ كۆپ نومۇر قوشقىنى ئامېرىكىدا كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بولغان. ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىلارمۇ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ئەركىنلىككە يۇقىرى باھا بەرگەن. باھالاشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 70 پىرسەنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما خىتايدا كىشىلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار بولسا 36 پىرسەنت ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت