خىتاي ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈردى، دەپ ئەيىبلىدى
2016.02.21
ئامېرىكا ۋە تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر كۈندىن كېيىن خىتاي ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈردى دەپ ئەيىبلىدى.
جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ھەربىي كېمە، ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ چارلاش ئېلىپ بېرىشنى توختاتمىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دېڭىزغا قوشنا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى دېڭىز ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلەرنى ئۇلغايتقان ھەقىقىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتتى، ئەنە شۇلار جەنۇبىي دېڭىزنى ھەقىقىي ھەربىيلەشتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
بۇ ھەپتە ئامېرىكا ۋە تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ پاراسېل تاقىم ئارىلىغا تەۋە ۋۇدىي ئارىلىغا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن بىر پارچە خەۋىرىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراللارغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋۇدىي ئارىلىغا HQ - 9 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي پاراسېل ئارىلىنى «ئۆزىنىڭ» دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋىيېتنام ۋە تەيۋەنلەرمۇ مەزكۇر ئارالدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ۋۇدىي ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىگەن، ئامېرىكا خىتاينى مەزكۇر ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.









