خىتاي قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بومبا قالقان سىستېمىسى سۆھبىتى داۋام قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.05.01


ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا خىتاي ۋە رۇسىيە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سۆھبەتنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە بۇ يىل يانۋاردا يەنە بىر قېتىم يادۇر بومبىسىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيەگە ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى - يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى تېرمىنالىنى ( THAAD) ئورنىتىش پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىغان ئىدى.

جۈمە كۈنى ئاقساراي بايانچىسى جوش ئېرنىست سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ سېسىتما پەقەت شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن توغرىلانغان، ئۇلار خىتاي ياكى رۇسىيەگە قارىتىلمىغان.»

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورېيە پەيشەنبە كۈنى ئىككى دانە ئوتتۇر مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان، ھالبۇكى ھەر ئىككى بومبا سىنىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ۋاڭ يى: «جەنۇبىي كورېيەگە بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.

لاۋروۋمۇ «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى تېرمىنالىنى ( THAAD) ئورنىتىش مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى پىلانى فېۋرالدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇنىڭ خىتايغا قارىشى ئىشلىتىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.