ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى «سوغۇق ئۇرۇش» قوزغاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.07.23

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىغا قارشى «سوغۇق ئۇرۇش» قوزغاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دىرېكتورى مايكول كوللىن كولورادو شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىغا قارشى «سوغۇق ئۇرۇش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار بىزگە قارشى بىر مەيدان سوغۇق ئۇرۇش قوزغاۋاتىدۇ. بۇ سوغۇق ئۇرۇش ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سوغۇق ئۇرۇشقا ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئېنىقلىما جەھەتتىن ئۇ يەنىلا سوغۇق ئۇرۇشتۇر.»

مايكول كوللىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە تېررىتورىيە تەلىپىنى ئۆز ماھىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى يۇتۇۋېلىشىغا ئوخشاتقان. 

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى مايكول كوللىنىڭ خىتاي ھەققىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە 

تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى كرىستوفېر راينىڭ خىتاي تەھدىتى توغرىلىق قىلغان سۆزىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى كرىستوفېر راي ئۆتكەن ھەپتە «جاسۇسلۇققا قارشى نۇقتىدىن سۆزلىگەندە، خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى سېكرېتارى سۇزان تورنتون خانىممۇ خىتايدىن ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە گۇرۇھلىرىنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ئاۋام ھېس قىلماقتا.»

مەلۇمكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك لاگېرى بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرى ئوتتۇرىسىدا يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان «سوغۇق ئۇرۇش» ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. 1989-يىلى «بېرلىن تېمى» نىڭ ئۆرۈلۈشى، 1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرى ئاخىرلاشقان ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى «سوغۇق ئۇرۇش» ئاتالغۇسى بىلەن سۈپەتلىشى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.