خىتاي دۆلەت ئاخباراتلىرى بەس-بەس بىلەن ئامېرىكىنى ئەيىبلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.09

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئامېرىكىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى كۈچەيتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت تېلىۋىزىيەسى س س ت ۋ قانىلى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنكى پروگراممىسىدا سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنى «قاراقچىدەك ئىش قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭغا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جار سالغان. 

پروگرامما رىياسەتچىسى سۆزىدە «جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ قېلىشقا تولۇق ئىشەنچى بار دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «خەلق گېزىتى» چارشەنبە كۈنىدىكى ماقالىسىدە «ئەگەر ئامېرىكا قاراقچىدەك ھەرىكەت قىلىشتىن توختىمىسا بۇ سودا ئۇرۇشى داۋاملىق كەسكىنلىشىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا قويۇلغان 10 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنى 25 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىر قانچە كۈن ئاۋۋال تۋىتتېردا يازغان سۆزىدە خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ «پەرەز قىلغاندىنمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكى» نى، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.