خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەيشەنبە كۈنى بىر قانۇن ماقۇللاپ، تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە 4 دانە قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىشىنى تەستىقلىغان.

بۇ ئامېرىكىنىڭ 2011 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە ھەربىي ئەسلىھە سېتىپ بېرىشى.

ئامېرىكا 2011 - يىلى تەيۋەننىڭ F - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

خىتاي تاشىقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىگە «كەسكىن قارىشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىشى «خىتاينىڭ ئىچى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بۇ نۆۋەتتە تەيۋەنگە سېتىپ بېرىدىغان 4 ھەربىي پاراخوت 1980 يىللاردا ياسالغان ۋە يېقىدا ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان، ياكى قالدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان پاراخوتلار ئىكەن.

تەيۋەن دائىرىلىرى بۇ پاراخوتلاردىن بۇ يىل ئىككىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ پاراخوتلارنىڭ قانچە پۇلغا سېتىلغانلىقى ئاشكارىلانمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت