ئامېرىكا گېنېرالى: «2025-يىلىغا بارغاندا خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولۇپ قالىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.27

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 26-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرىدىن جوسېف دۇنفورد مەخسۇس تېمىدا گۇۋاھلىق بەردى ۋە شۇنىڭدەك ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

س ن ن نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېنېرال دۇنفورد ئىلگىرى رۇسىيە، ئاندىن قالسا خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور ھەربىي تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما سەيشەنبە كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇ «شىمالىي كورېيە نۆۋەتتە بىزگە جىددىي تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، رۇسىيە بولسا يادرو قوراللىرى ۋە ھەربىي ئىقتىدارى سەۋەبلىك يەنىلا چوڭ ھەربىي تەھدىت. ئەمما خىتاي 2025-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەھدىت» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئۇ بۇ سۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەت خام چوتىنىڭ سەرپ قىلىنىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا 2017-يىلى خىتاينىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى مۆلچەرلەشتە خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەت خام چوتىنىڭ 2007-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە يىلىغىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 8.5 پىرسەنتتىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. گېنېرال دۇنفۇرد بۇنىڭغا قارىتا «ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەربىي خىراجەت خام چوتىنى يىلىغا 3 پىرسەنتتىن 7 پىرسەنتكىچە ئاشۇرۇشى لازىم،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.